للتواصل @Gggslbot
مرحبا بكم في قناة مسلسلات نتفليكس الاصلية✅
نقوم في نشر اكثر من مسلسل في اليوم
للاعلانات @PpFFBOT
قناتنا الاخرى للافلام? @Qaflam
لطلب المسلسلات✅ @netflix239bot
القناة الرسمية لمسلسل أبو العروسة الموسم الثالث علي تيليجرام?
- بوت تحميل من الأنستا ومن جميع مواقع التواصل الإجتماعي: ✅ .
- بوت التحميل من التيك توك: @EEEBOT
بوت التحميل من الأنستا: @xxzbot
- بوت التحميل من اليوتيوب: @EMEBOT
- ? ? .
- للتمويل: @NNEEN
ئەي خالايىق ئەرگە تەگكۈم بار
ئايپاتەم
بېرىپ قالدى يېشىم ئوتتۇزغا،
ئاقلار چۈشتى چېچىم قۇندۇزغا.
ئۇيات بولدى مەندەك بىر قىزغا،
ئەي خالايىق ئەرگە تەگكۈم بار.
كىملا كەلسە قوغلىدى دادام،
توينى ئېغىر يۈكلىدى ئانام،
قاچتى خەقلەر دەپ ئاللا-كالام،
ئەي خالايىق ئەرگە تەگكۈم بار.
سەت كۆرۈندۈم ئاكام كۆزىگە،
چىدىمىدىم يەڭگەم سۆزىگە،
قانداق قاراي خەقنىڭ يۈزىگە،
ئەي خالايىق ئەرگە تەگكۈم بار
بىرىدە بىھېساپ دۇنيا ئىزىدىن ۋارىسى يوقتۇر،
بىرىنى باستى قىز پەرزەنت، ئوغۇلغا چارىسى يوقتۇر.
بىرىنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەس، ساراي سالقىن، تۈشەك يۇمشاق،
بىرى سۈت ئۇيقۇدا ئەسنەر، تېگىدە بورىسى يوقتۇر.
بىرى پەرھىزدە گۆش-مايدىن، كۆنەلمەي كۈندە كۆكتاتقا،
بىرىنىڭ بىجىرىم بەستى، غاجارغا غورىسى يوقتۇر.
بىرى زارلايدۇ ھال ئېيتىپ، ئېرى بەتخەج، خوتۇن پىخسىق،
بىرىنىڭ سۇنغۇدەك چاينى قېشىدا جۆرىسى يوقتۇر.
بىرى ھال ئېيتىدۇ يازنىڭ تونۇردەك تەپتىدىن قاقشاپ،
بىرى تىترەيدۇ جۇت پەسلى، بۆلەك بىر نالىسى يوقتۇر.
بىرىگە ئۆتمىگەي قەدرى ھاياتنىڭ، باقمىغاچ ئاغرىپ،
بىرىنىڭ ئارمىنى ساقلىق، شىپاغا دورىسى يوقتۇر.
ئەزەلدىن كۆرمىگەن ئالەم مۇراد-مەخسەتكە قانغاننى،
جاھان سەيناسىنىڭ كەمسىز ياسالغان ھويلىسى يوقتۇر.
ئەزىز بىلگىن ئېرىشكەننى، كېيىن قوغلاپ يېتەلمەيسەن،
ئۆمۈرنى سۈزگىلى سەندە ھاياتنىڭ چويلىسى يوقتۇر.
قىزلار
يۈسەنجان رۇزى
ئاۋات
قىزلاردۇر ھاياتنىڭ ، شەرەپ ھەم شانى .
قىزلاردۇر ئەدەپ ھەم ، ئەخلاقنىڭ كانى .
قىزلار سىز بەخىتنىڭ ، يوقتۇر ئىمكانى .
قىزلارنى تۈمەن يىل ، ياشىسا دەيمەن .
قىزلاردۇر دۇنيادا ، زەردىن ئەتىۋا .
قىزلارغا ئارتۇقچە ، پىچماڭ پەتىۋا .
قىزلاردەك قىزىلگۈل ، ئويلاڭ نەدە با ؟
قىزلارنى تۈمەن يىل ، ياشىسا دەيمەن .
قىزلارسىز ياشىماق ، بالا ھەم قازا .
قىزلار سىز زۇلمەتتۇر ، ئايۋان ھەم تالا.
قىزلار سىز ھاياتمۇ ، رەڭسىز بوپ قالا
قىزلارنى تۆمەن يىل ، ياشىسا دەيمەن .
قىزلار سىز ئۆتمەيدۇ ، گالدىن ئاش نانلار .
قىزلار سىز پۈتمەيدۇ ، شېئىر داستانلار .
قىزلارسىز چېچەكمۇ ، ئاچمايدۇ باغلار .
قىزلارنى تۈمەن يىل ، ياشىسا دەيمەن .
قىزلاردۇر پەرزەنتكە ، دۇنياغا ئانا .
قىزلارنى ھەرۋاقىت ، ماختايمەن يانا .
قىزلارغا بۇ سۆزۈم ، ئازلىق قىپ قالا .
قىزلارنى تۈمەن يىل ، ياشىسا دەيمەن .
قىزلاردۇر جېنىم دەپ ، بىلگەن ھايانى .
قىزلارسىز ، يېزىلماس ، سۆيگۈ بايانى .
قىزلار سىز شائىرنىڭ ، كەلمەس ئىلھامى .
قىزلارنى تۈمەن يىل ، ياشىسا دەيمەن .
قىزلار بار ئويلايمەن ، نۇزۇگۇم باردەك .
قىزلارنىڭ مەرتلىكى ، مەختۇمسۇلادەك .
قىزلارنىڭ كۈلكىسى ، بۇلبۇل گويادەك .
قىزلارنى تۈمەن يىل ، ياشىسا دەيمەن .
قىزلارنىڭ خوشلۇقى ، كەتمىسۇن يىراق .
قىزلارنىڭ كۆز يېشى ، دىلىمغا پىچاق .
قىزلارنىڭ بەختىنى ، تىلەيمەن ئۇزاق .
قىزلارنى تۈمەن يىل ، ياشىسا دەيمەن .
قىزلاردۇر گۆھەردىن ، ئەزىزدۇر قىزلار .
قىزلاردۇر بەك تاتلىق ، مېغىزدۇر قىزلار .
قىزلاردۇر چولپان ھەم ، يۇلتۇزدۇر قىزلار .
قىزلارنى تۈمەن يىل ، ياشىسا دەيمەن .
2020-يىلى 12-ئاينىڭ -5كۈنى .
جەننەتنىڭ ئىشقىدا ئاتلانغان قىزلار
مەن بۇ شىئىرىمنى ئاللاھ ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ مىھرىبان ئاتا- ئانىسى، سۆيگەن ۋەتىنى، جانىجان يارەنلىرىنى تاشلاپ ئۆزىنى رەببىگە بىغىشلاپ جەننەت ئىشقىدا يۈرگەن مۇھاجىرە قىزلىرىمغا بىغىشلايمەن .
رەببىڭ ئۈچۈن ئاتلانغىن قىزلار ،
ئۆچمىسۇن مەڭگۈ سەن سالغان ئىزلار....
شۇ مىسكىن ئۆتمۈشكە خاتىمە بېرىپ،
تۇمەنمىڭ قىساسنى قەلبىگە پۈكۈپ.
تارىخقا يىڭى بىر ئىزلارنى ئېچىپ،
جەننەتنىڭ ئىشقىدا ئاتلانغان قىزلار.
ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قىلىپ ئىتائەت،
رەببىنىڭ غەيرىدىن بولدى بىھاجەت.
ئاتىدىن _ئانىدىن ئالماي ئىجازەت،
جەننەتنىڭ ئىشقىدا ئاتلانغان قىزلار.
ئۇنىڭمۇ ئارزۇسى بولغان بولغىيتى،
ۋەتەنگە سۆيگۈسى تولغان بولغىيتى.
قەلبىگە ئارمانلار پۈككەن بولغىيتى،
جەننەتنىڭ ئىشقىدا ئاتلانغان قىزلار.
كۇفرىغا قىلچىمۇ قەددىنى ئەگمەي،
ئىززەتنى ھۆرمەتنى دەپسەندە قىلماي.
ھاياتنى -ماماتنى ئەسلا ئويلاشماي،
جەننەتنىڭ ئىشقىدا ئاتلانغان قىزلار.
مۈشكۈللۈك سەپەردىن ھەرگىز بوشاشماي،
ئاچاللىق يوللاردىن قىلچە ئاداشماي.
مۇرتەد ھەم تاغۇتقا ئەسلا بويسۇنماي،
جەننەتنىڭ ئىشقىدا ئاتلانغان قىزلار.
ئۈمۈد ۋە غايىنى قۇرئانغا باغلاپ،
تەۋەككۇل بابىنى مەھكەم قۇچاقلاپ.
رەببىدىن مەڭگۈلۈك بەخىتنى كۆزلەپ،
جەننەتنىڭ ئىشقىدا ئاتلانغان قىزلار.
بۇ يولدا ھارمىسۇن ھەر_بىر قەدىمىڭ،
ئۈممەتكە چېچىلسۇن مىھنەت تەرلىرىڭ.
ئۈلگە بول ئەۋلاتقا ئاشسۇن سەپلىرىڭ،
جەننەتنىڭ ئىشقىدا ئاتلانغان قىزلار.
قەلەمدە: ئۈمىد نۇرى
تۇرمۇش سەھنە ھايات بىر كۈرەك ،
رولغا ئۈزۈڭ چىقىشىڭ كىرەك.
كۈتكەن بۈلەك ئىرىشكەن بۈلەك ،
نىم_ نىمىلەرگە كۆنمەيدۇ يۈرەك .
مىۋە بەرمەس ھەممىلا چىچەك ،
تىلەك پېتى قالىدۇتىلەك .
كىم _ كىملەرگە ئۈمۈرلۈك يۈلەك،
نىم_نىمىلەرگە كۆنمەيدۇ يۈرەك.
يىغلىيالماي كۈلىسەن گاھى،
بىزار تۇرۇپ سۈيىسەن گاھى.
كۆنمەيمەن دەپ كۈنىسەن گاھى،
نىم _ نىمىلەرگە كۆنمەيدۇ يۈرەك .
گاھى قاچاڭدا مىننەتنىڭ ئېشى ،
گاھى تىگەر تۆھمەتنىڭ تېشى .
گاھى ئاقار خۇشاللىق يېشى ،
نىم _ نىمىلەرگە كۆنمەيدۇ يۈرەك.
گاھى كۈلسەڭ مىھرىگە قېنىپ ،
گاھى قالار باغرىڭ ئىزىلىپ .
بولماس ئىكەن سىرىنى بىلىپ ،
نىم _ نىمىلەرگە كۆنمەيدۇ يۈرەك.
تارتىپ ئازاپ چىكىپ جەبرىنى ،
ئۆز_ ئۆزىگە تىلەپ سەبرىنى .
بېغىشىغا تۈگۈپ دەردىنى ،
نىم _ نىمىلەرگە كۆنمەيدۇ يۈرەك .
يەردە قالار گاھى ياخشى كۈڭۈل ،
سانچىلغاندەك تىزەكلەرگە گۈل.
قىسمەتلەرگە ئاچچىق _ ئاچچىق كۈل،
نىم _ نىمىلەرگە كۆنمەيدۇ يۈرەك .
?خارلانغان ئەقىدە?
ئەلۋىدا ئۇستاز
قايغۇنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرىدا،
قانچە رەت تىلىنغان ئىدى بۇ يۈرەك.
ۋا دەرخ تاڭ سەھەر سىرتماقلىرىدا ،
ئېسىلدى ،قىروۋدا ئۈششۈگەن گۈلدەك.
كۆزۈم كور ئەمەسقۇ لېكىن كۆرگىنىم،
تاۋۇشسىز ئاۋازدىن يېرىلغان لەۋلەر.
قۇلىقىم گاس ئەمەس ئاڭلاپ تۇرغىنىم،
كورلۇققا سۆرىگەن دەھشەتلىك خەۋەر.
«ساتارىم »چېلىنماي چېقىلىپ كەتسە،
قانداقمۇ چىدايدۇ شۇ «گۈلى رەنا».
«بەش يۈز يىل»ياشالماي ئۇستاز خوش دىسە،
«يۇلتۇزۇم»چاقنامدۇ ئەمدى ئاسماندا .
ھەممىنىڭ ئارزۇسى «قالدى »«بۇ كېچە»،
رىئاللىق خۇرسىندى «بۇ چۈش ئەمەس»تى .
«ئەركەك»لەر مەيدىسىن مۇشتلاپ سەھەردە ،
بوزلىدى «سەھرالىق دادا »كەلگۈچە.
شۇ«تەنھا كىيىك»تەك مۇڭلانغان شەھەر،
سىزگە خوش دىيەلمەي يۇم -يۇم يىغلايدۇ.
«ئۆرلە ۋەتەن»نى توۋلىغان لەۋلەر،
سىز كەبى ئۇستازغا قانداق چىدايدۇ.
سىز تېخى كىرمىگەن ئاتمىش ياشقىمۇ،
نى ئارزۇ لىق ئىدى بەلكىم يۈرەكتە.
قويماسكەن نۆۋەتتىن قارا چاچنىمۇ،
گۈل تولسۇن يوللارغا بىزنىڭ تىلەكتە.
ئەلۋىدا تىلىدۇق ئەڭ گۈزەل ماكان،
گۈل بويلۇق بولۇڭ بۇ بىزدىكى ئارمان.
ئەلۋىدا «ئەركەك »دەك ياشىغان ئۇستاز،
ئەلۋىدا خۇشئاۋاز مەھمۇد سۇلايمان.
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى
مۇساپىرلار ھېيتىڭىزغا مۇبارەك
مۇساپىرغا بولمايدىكەن ھېيت ئايەم ،
مىھرى بىلەن كۈلمەيدىكەن كەڭ ئالەم .
ئامان بولسۇن ھەر يەردىكى جان پارەم،
مۇساپىرلار ھېيتىڭىزغا مۇبارەك !!!
ئاتىلارنىڭ دىدارىنى كۆرەلمەي ،
ئانىلارغا مەڭزىلىرىنى سۈرەلمەي ،
قېرىنداشلار بىر قاتاردا يۈرەلمەي،
مۇساپىرلار ھېيتىڭىزغا مۇبارەك !!
داغدۇغىسىز كەلدى بۇ ھېيت سىلەرگە،
تەلمۈرۈشتە ئۆتەر بۈگۈن كىملەرگە ؟
يوق بىر تونۇش سىلىنى ياخشى بىلەرگە،
مۇساپىرلار ھېيتىڭىزغا مۇبارەك !!!
توپۇلۇق يول كۆزۈڭلارغا كۆرۈنۈپ ،
يۈرەتتىڭلار لاي سۇلارغا چۆمۈلۈپ .
ئەسلەيسىلەر شۇ كۈنلەرنى سۆيۈنۈپ،
مۇساپىرلار ھېيتىڭىزغا مۇبارەك !!!
كۆڭۈل يېرىم شەھەر كاتتا تۇرسىمۇ ،
بىر تونۇش يوق، ئادەمگە لىق تولسىمۇ.
سەن غېرىپسەن ئاتا ـ ئاناڭ تۇرسىمۇ ،
مۇساپىرلار ھېيتىڭىزغا مۇبارەك !!!
بىلىم ئېلىش، پۇل تېپىشنىڭ تەسلىكى ،
تىگىپ تۇرار ھەر قەدەمدە تەستىكى .
يوقاتمىسۇن ئىرادىنى ـ غەشلىكى ،
مۇساپىرلار ھېيتىڭىزغا مۇبارەك !!!
يۇرت مەھەللە كۆزۈڭلاردىن ئۇچسىمۇ ،
سېغىنىشلار يۈرەكلەرنى تۇتسىمۇ .
بىلىم ئېلىش ئەڭ شەرەپلىك ئىش جۇمۇ،
مۇساپىرلار ھېيتىڭىزغا مۇبارەك !!!
تائام ئۆتمەس گېلىمىزدىن سىلەرسىز ،
ھەر لوقمىدا ئالدىمىزغا ئۈنەرسىز .
يۇرتۇم مىنى ئەسلەيدۇ دەپ بىلەرسىز،
ئاھ مۇساپىر ھېيتىڭىزغا مۇبارەك !!!
ئىلتىجا
سۇفىي
ئىلاھا ، تىللىرىم گالدۇر كۆرۈپ سەندىكى شەۋكەتنى ،
بىر بارە تەرىپىڭ ئۈچۈن چېكىپ مىڭ مەررە ھەيرەتنى .
زامان بەرسەڭ «ئادەم»دىن تاكى روزى قىيامەتكە ،
ماختىشىم ھامان ناقىستۇر سۈپەت كامالى قۇدرەتنى .
ئۇلۇغلۇق ساڭا تالىقتۇر ، زەئىپلىك ماڭا بەخشەندە ،
نىتەي رەببىم ئۈمىدسىزمەن ، تاپمىدىم ماختاشقا غەيرەتنى .
بارلىقىڭ ئەزەلدىن باقىي ، بىرلىكىڭ ئەبەدكە يا رەب !
«ھۇ» تارتىپ يىغلىدىم ، تالدىم ، ئىچىپ شارابى ۋەھدەتنى .
قاساۋەت ئەھلىمەن ھەرۋاق ، كۆزۈم كوردۇر ، قۇلاغىم گاس ،
قولۇمدۇر تۇتمىغان ھەقنى ، ئوقۇي مىڭلارچە «تەببەت»نى .
مەئسىيەت ئىزلىبان يۈردۈم ، كەينىدىن يۈگۈردۈم ، چاپتىم ،
قەلب كىرلەشتى ھەسرىتا ! ئەمدى كەس ھاۋايى - شەھۋەتنى .
مۇساپىر بولدۇم ئۆزۈمگە ، نىشانىم تاپمىدىم ، قايدىم ،
دەردىما ، دەردىم ئەجەپ ، چالدىم ساپايى كۈلپەتنى .
نىھايەت ئۆزگە چارەم يوق ، ساڭا خارلارچە تەسلىممەن ،
قۇللۇقۇم بىرلە باش قويدۇم ، سورايمەن زەررە شەپقەتنى .
بارلىقىم سېنىڭ ئىلكىڭدە ، نە باركى «ھېچ» ئىكەن بەندەڭ ،
«ھېچ»لىكىم ھەم ساڭا ئائىت ، قوبۇل قىل شۇنچە زىللەتنى .
چېكى يوق پەزلى - لۇتفىڭدىن ئاتا قىل ماڭا بىر تامچە ،
ئۆزۈمنى تېپىپ مەن قايتا ، تۇتاي نەپسىمگە نەپرەتنى .
ھىجرىيە 1441 - يىلى رامىزاننىڭ 27 - تۈنى .
2020 - 5 - 20
للتواصل @Gggslbot
مرحبا بكم في قناة مسلسلات نتفليكس الاصلية✅
نقوم في نشر اكثر من مسلسل في اليوم
للاعلانات @PpFFBOT
قناتنا الاخرى للافلام? @Qaflam
لطلب المسلسلات✅ @netflix239bot
القناة الرسمية لمسلسل أبو العروسة الموسم الثالث علي تيليجرام?
- بوت تحميل من الأنستا ومن جميع مواقع التواصل الإجتماعي: ✅ .
- بوت التحميل من التيك توك: @EEEBOT
بوت التحميل من الأنستا: @xxzbot
- بوت التحميل من اليوتيوب: @EMEBOT
- ? ? .
- للتمويل: @NNEEN